باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقى: ھەر قانداق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىياتىغا ئارىلىشىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ

2014.04.11 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي تۆنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تۈزۈم تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشغا ھەرگىز بولمايدۇ،دېدى.

  مۇخبىرلار يىغىنىدا: مۇخبىر خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بېدىن يېقىندا ئاق سارايدا لى جۇمىڭ ۋە چېڭ فاڭئەنشېڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئامېرىكىنىڭ شىياڭگاڭنىڭ دېمۇكىراتىك تەرەققىياتى ۋە «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» رامكىسى ئىچىدىكى يۈكسەك ئاپتونومىيەسىنى ئۇزاق مۈددەت قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ دەپ سورىغاندا، خۇڭ لېي مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتقاندىن كېيىن، «بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم» دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۋۇەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. شياڭگاڭنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ تەرەققىياتى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەر قانداق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلىشىشىغا ھەرگىز بولمايدۇ. نۆۋەتتە، شياڭگاڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت ئالاقىدار خىزمەتلەرنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرمەكتە.

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئۇسۇلى تامامەن خاتا. جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ھەم قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بىز ئامېرىكىنى جۇڭگو ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەيدانى ۋە ئېتىۋارىغا ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەر قانداق شەكىلدە ئارلىشىشىنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر