باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ مۇلازىمەت باھاسى قۇيۇۋېتىلىدۇ

2014.04.11 09:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى،سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 9-ئاپرېل ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدە بازاردا تەڭشەلگەن باھانى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇۋېتىش، جەمئىيەتنى دوختۇرخانا قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

  تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تەدبىر جەمئىيەت كاپىتالىنى داۋالاش سەھىيە ساھەسىگە كىرىشىگە ئىلھام بېرىش، ساغلاملىق تەرەققىيات مۇلازىمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. باھانىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت كاپىتالىنى داۋالاش سەھىيە ساھەسىگە تىزدىن كىرىشىگە يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش،داۋالاش مۇلازىمىنى كېڭەيتىش، كۆپ مەنبەلەشكەن داۋالاش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشقا ياردىمى بار. ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ۋە ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، داۋالاش مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجدا كۆپ قاتلاملىشىش، كۆپ خىللىشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى؛شۇڭا پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇۋېتىش تېخىمۇ كۆپ خاسلىققا ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە پايدىلىق بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان قاتلامدىكىلەرنىڭ داۋالاش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. خەلق مەبلىغى داۋالاش سەھىيە ساھەسىگە تېخىمۇ كۆپ كىرگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تېخىمۇ كۆپ مەبلەغنى ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئاجرىتىپ، جەمئىيەت ئادىللىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىدۇ. پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى داۋالاش بازىرىدىكى رىقابەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئاپپاراتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

  بۇ مەسئۇل كىشى مۇنداق دېدى: ھازىر ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت بازىرىنى ئىگىلەش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بىلەن بولغان رىقابەتتە يەنىلا ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ باھاسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتىدە ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى ئاپپاراتلىرى بىلەن رىقابەتلىشىدىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسى ھۆكۈمەتنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى باھاسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن باغلىنىشلىق بولىدۇ، مەركەزلىك باھا ئۆسۈپ كېتىش ۋەزىيىتى كۆرۈلمەيدۇ. داۋالاش سۇغۇرتىسىمۇ خىراجەتنى تىزگىنلەش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت باھاسى سەۋىيىسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، بىمارلارنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر