باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-ئايلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىندى، ئاپپاراتلار CPI نىڭ %2.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلىدى

2014.04.11 16:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: بۈگۈن، دۆلەت ئستاتىستىكا ئىدارىسى 2014-يىل 3-ئايلىق ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) ۋە سانائەت ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچى (PPI)نى ئېلان قىلدى. نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مۆلچەر دوكلاتىنى ئومۇملاشتۇرغاندا، 3-ئايلىق CPI نىڭ ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى تەخمىنەن %2.5 بولغان.

  2014-يىل 2-ئايدا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاھالە ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.0 ئۆرلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەرنىڭ %2.1، يېزىلارنىڭ %1.7 ئۆرلىگەن؛ يېمەكلىك باھاسى %2.7، يېمەكلىكتىن باشقا بۇيۇملارنىڭ باھاسى %1.6 ئۆرلىگەن؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %1.6، مۇلازىمەت باھاسى %2.9 ئۆرلىگەن. 1-ئايدىن 2-ئايغىچە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئاھالە ئىستېمال باھا ئومۇمىي سەۋىيەسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.2 ئۆرلىگەن. (ياڭ شى خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر