باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يەسلىلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورا ئىچكۈزۈش قىلمىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ

2014.04.11 16:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. يېقىندا كۆپ جايدىكى يەسلىلەردە يۈز بەرگەن ئاتا – ئانىلارغا ئۇقتۇرماي بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈش ئىشىغا قارىتا، دۆلەت سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن 8 – ئاپرېل مۇنداق دېدى: يەسلىلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بالىلارغا دورا ئىچكۈزۈش قىلمىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، جايلار يەسلىلەرنىڭ بالىلارغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئوپچە ئىچكۈزۈش قىلمىشىنى تەكشۈرمەكتە.

  ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، بالىلارغا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئوپچە ئىچكۈزۈش قىلمىشىنى قەتئىي مەنئى قىلدى. چۈنكى، بۇنداق قىلمىش دۆلەتنىڭ يەسلى بالىلىرىغا ساغلاملىق مۇلازىمىتى قىلىش خىزمىتىنى باشقۇرۇش تەلىپىگە خىلاپ. ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جايلاردىن 10 – ئاپرېلغىچە بۇ خىل ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، ئىنكاس قىلىنغان ۋە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئۇقتۇرۇشنى تەلەپ قىلدۇق. جايلارنىڭ تەكشۈرۈش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ئاشكارىلايمىز، ھازىر بۇ خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر