باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق 1 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى

2014.04.11 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-ئايدا ھاۋا ئىسسىپ گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى يېڭى بىر يىللىق ساياھەت پەسلىنى كۈتۈۋالدى.كۆپلىگەن دېھقان چارۋىچىلار بۇنىڭغا ئاكتىپ قاتناشتى.

  ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق 1 مىليون 500 مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە،2013-يىلىغىچە شىنجاڭنىڭ ساياھەت كەسپىدە بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار300 مىڭغا،ۋاسىتىلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار1 مىليون 200 مىڭغا يەتكەن. ھازىر ئىلى دەرياسى جىلغىسىدا 90 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى ئۆرۈك چېچىكى ئېچىلىۋاتقان پەيتتە، ئۆرۈك ماكانى دەپ ئاتالغان غۇلجا ناھىيىسى ئۆرۈك چېچەكلىگەن بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن پايدىلىنىپ، ئىلى ئۆرۈك چېچىكى ساياھەت بايرىمى تەسىس قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۆرۈك چېچىكى بايرىمىدا ئىككى كۈندە 3 مىليون 200 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان.بۇنىڭغا قاتناشقان دېھقان چارۋىچى كۈنلۈكى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1520 يۈەن كېرىم قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ئۆز يېرىنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، دېھقان چارۋىچىلارنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش،كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر