باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتى ئاممىغا ھەقىقى نەپ بەردى

2014.04.11 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن مەمەتجان داۋۇت خەۋىرى: ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش» باش تېما قىلىنغان قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقات پائالىيىتىنى يېزا-كەنت-مەھەللىلەردە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئەتراپتىكى تىپك ۋەقەلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ، كەڭ ئامما ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، قانۇن-تۈزۈم ۋە تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتەك قانۇن ئېڭىنى مۇستەھكەملەپلا قالماستىن، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىپ، قانۇن ئارقىلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىغا ھەقىقى نەپ يەتكۈزدى.

  يېقىندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا،كەنت-مەھەللىلەردە لوزۇنكا ئېسىش، نەق مەيداندا لېكسىيە سۆزلەش، تەشۋىقات تاختىيى كۆرگەزمە قىلىش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، تەشۋىقات ماتېرىياللىرى تارقىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، قانۇن-تۈزۈم تەشۋىقاتىنى كەڭ كۆلەملىك، ئەتراپلىق، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە يەنە، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش ئىشخانىسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىق ئورنى، قانۇن ياردەم مەركىزى ۋە دولان ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار قانۇن ياردىمى ئارقىلىق « ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش » پىلانىنى ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﯩﺸﻠﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭ، ﻣﯧﻴﯩﭙﻼﺭ، ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻳﺎﺭﺩىمى ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﮬﻮﻗﯘﻕ-ﻣﻪﻧﭙﻪئىتىنى ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﻗﻮﻏﺪاشقا ياردەم بەرگەن. (ئاۋات ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسىدىن : مەمەتجان داۋۇت)

  مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر