باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى(1)

2014.04.10 08:47   مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئەيىبلىدى(1)

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 8-ئاپرېل، رۇسىيە ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلىقىنى ئەيىپلىدى.

  كېررى شۇ كۈنى كېڭەش پالاتاسى دېپلوماتىيە كومىتېتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: رۇسىيە ئەۋەتكەن ئالاھىدە خادىملار چېگرىدىن ئۆتۈپ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونغا كىرىپ، قالايمىقانچىلىق تۇغدۇردى، بۇ، ئۇكرائىنانىڭ تىنىچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان قانۇنسىز قىلمىشدۇر.

  كېررى يەنە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئوچۇقتىن ئوچۇق ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە تۇغدۇرغان بۆلگۈنچىلىك قىلمىشىدىن قاتتىق ئەنسىرىگەنلىكىنى، قىرىم ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئوخشاش رۇسىيە تەرەپنىڭ قالايمىقان ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇكرائىناغا يەنە بىر قېتىم ھەربىي ئارىلىشىش ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كېررى رۇسىيەنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگرىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىي قوشۇنىنى چېكىندۈرۈش ھەمدە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىق بىلەن باغلىنىشىنىڭ يوقلۇقىنى ئاشكارە ئىنكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەگەر رۇسىيە داۋاملىق ئۇكرائىنانىڭ تىنىچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلسا، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى پۇختا تەييارلىق كۆرۈپ، رۇسىيەگە بولغان جازانى كۈچەيتىدۇ.

  ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى دونېتسىك، خاركوۋ، لۇگانسك قاتارلىق رايونلاردىكى نەچچە مىڭ رۇسىيەلىك ئامما 6-ئاپرېل ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى ئۆتكۈزگەن، دونېتسىك ۋە خاركوۋدىكى قىسمەن نامايىشچىلار ئوبلاست ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگەللىپ، رۇسىيەنىڭ بايرىقىنى چىقارغان. لۇگانسكتىكى نامايىشتا ئوبلاستلىق دۆلەتلىك بىخەتەرلىك ئىدارىسى بىناسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. دونېتسىك ھۆكۈمىتىنى ئىگەللىگەن 50 نەپەر رۇسىيە ۋەكىللىرى 7-ئاپرېل يىغىن ئېچىپ «دونېتسىك جۇمھۇرىيتى» نىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسىغا ئاۋاز بەرگەن.

  كېررى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف بىلەن 7-ئاپرېل تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا تۆت تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، ئۇكرائىنا كرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 8-ئاپرېل رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروف ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى چوڭ كۆلەملىك نامايىش بىلەن ئالاقىسى بار، دەپ ئەيىپلىگەنلىكىگە رەددىيە بېرىپ، بۇ «گۇناھنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغانلىق» دېگەن.

【1】 【2】 【3】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز