باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز پۇقراۋى دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇپ بېرىدۇ

2014.04.10 09:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى،سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 9-ئاپرېل باھانىڭ پىشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، جەمئىيەت كاپىتالىنى داۋالاش سەھىيە ساھەسىگە تىزدىن سېلىشىغا يېتەكلەش ۋە ئىلھام بېرىش،داۋالاش مۇلازىمىنى كۆپەيتىش، كۆپ مەنبەلەشكەن داۋالاش قېلىپىنى شەكىللەندۈرۈش، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇۋېتىش، جەمئىيەتنى دوختۇرخانا سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەت بىر قاتار سىياسەت تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلدى.

  ئۈچ تارماق ئېلان قىلغان«ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىدە بازاردا تەڭشەلگەن باھانى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قا ئاساسەن، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن ئىلگىرى جەمئىيەتكە ئۆز رايونى ئىچىدىكى ھۆكۈمەت داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ؛ ئىسىملىكنىڭ سىرتىدىكى بارلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى باھاسىغا بازاردىكى تەڭشەلمە باھانى يولغا قويىدۇ. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتكە كۆپ مەنبەلەشكەن مۇلازىمەت قىلسا بولىدۇ. تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدىن باشقا داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت باھاسىنى قويۇۋېتىش گوۋۇيۈەننىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى كەسپى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر. جەمئىيەت مەبلىغىنىڭ داۋالاش سەھىيە ساھەسىگە يەنىمۇ كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىلھام بېرىش؛ داۋالاش مۇلازىمىتىنى كېڭەيتىپ، داۋالاش مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، داۋالاش سەھىيە ساھەسىنىڭ تەرتىپلىك رىقابىتى ۋە ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر