باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئۇكرائىنانىڭ دونتسىك رايونىدا ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلماقچى بولدى (1)

2014.04.08 15:15   مەنبە: خەلق تورى

ئۇكرائىنانىڭ دونتسىك رايونىدا ئامما يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ رۇسىيەگە قوشۇلماقچى بولدى (1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل موسكۋادىن بەرگەن خەۋىرى: 7-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي جەنۇب رايونىدىكى دونتسىك ئىشتاتىدا ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى، بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى «دونتسىك خەلق كومىتېتى» قۇردى ھەمدە «دونتسىك مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى» قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيەدىن تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىشنى ھەمدە 11-مايدىن بۇرۇن رۇسىيە فېدىراتسىيەسىگە قوشۇلۇش ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  رۇسىيە ئىتار-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دونتسىك ئىشتاتى پارلامېنت ئەزالىرى ئىشتات پارلامېنت يىغىنىدا «دونتسىك مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇش قارارىنى جاكارلىغان، «دونتسىك خەلق كومىتېتى» ئېلان قىلغان بۇ قارار ھۆججىتىدە «كىيف ھۆكۈمىتى تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى قوللانغانلىقتىن، دونتسىك رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭىدىن ۋاقىتلىق تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىپ ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ» دېيىلدى. رۇسىيە تاراتقۇلىرى شۇ كۈنى دونتسىك رايونىدىكى چوڭ كۆلەملىك يىغىلىشقا ئائىت سۈرەت ۋە سىن ماتېرىياللىرىنى ئېلان قىلدى. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

【1】 【2】 【3】 【4】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز