- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
2014-يىلى، شىنجاڭدىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرۇس سىنىپلىرىغا 80 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ
2014.04.09 16:37 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
2014-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى تۈرلۈك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا قارىتا ئالاھىدە ئېتىبار قىلىپ، ئادەتتىكى تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس سىنىپلىرىغا 80 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ بۇلتۇرقىدىن % 4.9 كۆپ بولىدىكەن، ئۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرسقا 31 مىڭ 400 ئوقۇغۇچى، مەخسۇس كۇرسقا 49 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن.
8-ئاپرېل مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايون چاقىرغان 2014-يىللىق ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى باشقۇرۇش خىزمەت يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىللىق ئاسپرانت قوبۇل قىلىش پىلانى 5093 نەپەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە دوكتۇرلۇققا 194 نەپەر، ماگىستىر ئاسپرانتلىققا 4899 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن، ئېشىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %12 ۋە %6 بولىدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر