باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەر بازارلار ۋە كەنتلەرنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ

2014.04.11 08:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى يېقىندا بىرلىكتە تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەر بازارلار ۋە كەنتلەر ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىمارەتلىرى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان يېتەكچى پىكىرنى ئېلان قىلدى، پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھەر بازارلار، كەنتلەر ھەمدە مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىمارەتلىرى ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاشقا كىرگۈزۈپ، كۆپ تارماقلار ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان ياكى زور پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەر يۈز بەرگەن بولسا ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن ئىنتىزام بويىچە سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  يېتەكچى پىكىرگە ئاساسەن، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، جايلار داڭلىق شەھەر، بازار، كەنتلەرنى قوغداش دائىرىسىدە بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنكى بەش مىنۇت ئىچىدە يېتىپ بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى، ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى قۇرۇش، يۈز ئائىلىلىكتىن ئارتۇق كەنتلەردە ئوت ئۆچۈرۈش پىدائىيلار ئەترىتى قۇرۇش، مەھەللىلەر ۋە يۈز ئائىلىلىكتىن تۆۋەن كەنتلەردە ئوت ئۆچۈش نۇقتىسى قۇرۇشى كېرەك. ئىگىلىنىشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى ئۈچ تارماقنىڭ يېتەكچى پىكىرنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن يېقىندا «قەدىمىي شەھەر بازارلار ۋە كەنتلەر ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش تېخنىكا يېتەكچىلىك پىكىرى»نى ئېلان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر