باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلدى

2014.04.09 16:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 3 – ئاپرېل سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ قۇتۇبى ناھىيەسىگە كېلىپ، 2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا بىردىن ناھىيە بىلەن ئالاقە ئورناتتى. جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسى بىلەن ئالاقە ئورناتتى.

  جاڭ چۈنشيەن 3 – ئاپرېل قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ يېزا، كەنت، مەھەللە، كارخانا ۋە كۆزنەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، كادىرلار، ئامما بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  ‹‹قەلب رىشتىسى كارتىسى›› بىلەن ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش

  2 – تۈركۈمدىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ سۈزۈكبۇلاق مەھەللىسى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ياردىمىدە ‹‹كوچا – مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئەلرايىنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ سىرداشلىرىدىن بولايلى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كەپىلىك مەھەللىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇش، تۇرالغۇ مۇھىتى ناچار بولۇش، بەزى كوچىلاردا يول چىرىغى بولماسلىق ۋە يول يۈزى قاتۇرۇلمىغان، قاتناش قولايسىز بولۇش مەسىلىلىرىنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ 1 – تۈركۈمدە تۈزىتىدىغان مەسىلىلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مەسىلىلەرنى ئىزدىگەچ ھەل قىلدى. ھازىر مەھەللە كوچىلىرىغا يول چىراغلىرى ئورنىتىلىپ، يول يۈزىنى قاتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى قارارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى تاماملاندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈچ يىل ئىچىدە كەپىلىك مەھەللىدىكى 554 يۈرۈش ئۆينى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.

  مەھەللە مۇلازىمەت مەركىزى ئاممىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يەنە ‹‹ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش قەلپ رىشتى كارتىسى››نى يولغا قويدى، كارتىغا مەھەللىدىكى بارلىق كادىرلارنىڭ تېلېفون نومۇرى بېسىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەھەللىدىكىلەر قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، تېلېفون ئۇرسا كادىرلار 15 مىنۇت ئىچىدە مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بولىدىغان بولدى.

  دېھقانلارنىڭ قورۇسىدا ئاممىنىڭ ساداسىنى ئاڭلاش

  جاڭ چۈنشيەن ئەرشىلىدەن بازىرىنىڭ دۇڭتەن كەنتىدە كەنتكە ئەۋەتىلگەن ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت گۇرۇپپىسىنى يوقلىدى ھەم ئۇلارنىڭ كەنتتىكى خىزمەت ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىسى خې يۈرۈينىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كەنتتىكىلەر بىلەن سۆھبەتلەشتى. جاڭ چۈنشيەن: ھازىر مەنمۇ كەنتكە ئەۋەتىلگەن كادىر، بۇ يەرگە كۆپچىلىكنىڭ ئوي – پىكرىنى ئاڭلىغىلى كەلدىم، دېدى.

  69 ياشقا كىرگەن دېھقان جاڭ جيەنخۇا: مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى كۆپ بولۇۋاتىدۇ، كۈنلىرىمىز يىلدىن – يىلغا ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. ھازىر ئېتىزغا سۆرەم سالمايمىز، پۈتۈنلەي ماشىنىلىشىپ كەتتۇق، كەنتىمىزدە چوڭ تىراكتوردىن 100 نەچچىسى بار. كەنتتىكىلەر پۇل تېپىپ، ئۆي، ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، ھازىر كەنتىمىزدە باھاسى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان پىكاپتىن 29ى بار، دېدى.

  بۇ كەنتتىكى دېھقانلار سۆھبەتلىشىش جەريانىدا يەنە كەنتنىڭ تاش ئۆستەڭ قۇرۇلۇشى ۋە كەنت يوللىرىنى ياخشىلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى، جاڭ چۈنشيەن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىنى بىر – بىرلەپ خاتىرىلىۋالدى.

  ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ روھى باھار شامىلىدەك زېمىننى قاپلىسۇن

  قۇتۇبى ناھىيەسى 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ناھىيەدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى ۋاڭ گۇيجېندىن ئۆگىنىشكە چاقىردى. جاڭ چۈنشيەن بۇ قېتىملىق سەپىرىدە ۋاڭ گۇيجېننىڭ چوڭ ئاچىسىنى يوقلىدى ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئالتۇنخان›› مېھىر – شەپقەت مۇلازىمەت ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى. قوش كۆۋرۈك مەھەللىسىنىڭ پېنسىيونېرى ۋاڭ گۇيجېن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، ياشانغان ھەم تېنى ئاجىز ئۇيغۇر قوشنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، شۇڭا قوشنىلىرى ئۇنى ‹‹قەلبى ئالتۇندەك ئايال›› دېگەن مەنىدە ‹‹ئالتۇنخان›› دەپ چاقىرىدىغان بولغان.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەخلاقنىڭ كۈچى چەكسىز. ۋاڭ گۇيجېن ھەدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىغا ۋارىسلىق قىلغان ئۈلگىلىك تىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر بۇ خىل روھتىن ئۆگىنىشى، بۇ خىل روھ خۇددى باھار شامىلىغا ئوخشاش شىنجاڭ زېمىنىنى قاپلاپ، ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىشى كېرەك.

  جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىش كېرەك

  كەچتە جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلارنى يىغىپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىن بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 23 كىچە داۋاملاشتى.

  جاڭ چۈنشيەن قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: قۇتۇبى ناھىيەسى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىك تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ، پائالىيەتتە كۆپلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئوبدان ئاساس سېلىپتۇ، ياخشى ۋەزىيەت، جانلىق كەيپىيات يارىتىپتۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆپ قېتىملىق مۇھىم سۆزى، بولۇپمۇ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لەنكاۋ ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا قىلغان مۇھىم سۆزى، 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە ئىچىدە جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، جياۋ يۈلۇ روھىنى ئۆگىنىش، ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسئۇلىيەت ئېڭى، تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىدىن، قەيەرگە جايلىشىشىدىن، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسىنىڭ ۋەزىپە دەرىجىسىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق ئۈستىگە ئېلىپ، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە پائال ئاتلىنىشى كېرەك.

  نىسبەتەن يۇقىرى خىزمەت ئۆلچىمى بېكىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ھەم ئاشكارا، ئاددىي ۋە ئورتاق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىش، ھەم چوڭقۇر قاتلاملىق، مۇرەككەپ، خاس مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش كېرەك.

  جياۋ يۈلۇ روھىدىن ئۆگىنىش ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. جياۋ يۈلۇ روھىنى ئەينەك قىلىپ، ئاممىغا، تەشكىلگە، كەسىپكە، يولداشلارغا، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا ۋە ئۆزىگە جياۋ يۈلۇغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، توختىماي ئىلگىرىلەپ ۋە كۈرەش قىلىپ، جياۋ يۈلۇچە ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر بولۇش كېرەك.

  رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئۆگىنىش، باشلامچىلىق بىلەن تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاڭلاش ۋە مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، باشلامچىلىق بىلەن تەنقىد ۋە ئۆز ئۆزىنى تەنقىد قىلىش، باشلامچىلىق بىلەن ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىستىل تۈزىتىش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئاساسىي تېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك، نىشاننى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن ئەمەلىيەتچىل، پاك – دىيانەتلىك بولۇش ئاساسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، ‹‹ئەينەككە قاراش، ئۈستبېشىنى تۈزەشتۈرۈش، يۇيۇنۇش، كېسەلنى داۋالاش›› تەك ئومۇمىي تەلەپنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى كۈچلۈك ۋە ‹‹تۆت ناچار ئىستىل›› جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. ‹‹بەشتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش›› ئاساسىي نىشانىدا چىڭ تۇرۇپ، 1 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، رەھبەرلەر باشلامچى بولۇش، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تۆۋەن دەرىجىلىكلەرنى يېتەكلەشتە، ئاشكارا پائالىيەت قىلىشتا، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە، ئىستىل تۈزىتىش روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا ۋە قاتتىق تەلەپ قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  ئۆگىنىش – تەربىيەنى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلىرى مەخسۇس ۋاقىت چىقىرىپ، مەركەزلىك ئۆگىنىشى كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە يېزا – بازار، كوچا باشقارمىلىرى مەركەزلىك ئۆگىنىش بىلەن باشقا ئۆگىنىش شەكىللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈركۈم بويىچە مەركەزلىك ئۆگىنىشكە تەشكىللىشى، ئۆگىنىشنى باھانە قىلىپ، ئاممىنىڭ نورمال ئىش بېجىرىشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى كېرەك. كەنت، مەھەللىلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ئاز، ساز بولۇشى، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى ئاساسىي نۇقتىئىينەزەرى ۋە تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي تەلەپلىرىنى پۇختا ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئۆگىنىش شەكلى جانلىق ھەم كۆپ خىل، ئاددىي ھەم قولاي بولۇشى كېرەك.

  تەكلىپ – پىكىرلەرنى ئاشكارا ئاڭلاش، مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. ۋىلايەت، ناھىيەلىك ئورگانلار ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار نۇقتىدا تۇرۇپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ئۇدۇللۇق ئەھۋال ئىگىلەش، ئايرىم سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئاڭلىشى كېرەك. يېزا – بازار، كوچا باشقارمىلىرى ۋە كەنت – مەھەللىلەر تەۋەلىكىدىكى ئامما، بولۇپمۇ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى تەشكىللىك ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا توردىن ئەھۋال ئىگىلەشتىن، كۆرۈشۈشنىڭ ئورنىغا سۆزلىشىشتىن، ئاممىنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ئورنىغا ئورگان ۋە ئورۇنلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى پىكىرلەرنى دەسسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.

  مەخسۇس تېمىلىق دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ۋە تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، يىغىندىن بۇرۇن سىردىشىش، ئۆز – ئۆزىنى ئانالىز قىلىش، يىغىندا تەنقىد قىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ ھالقىلىق باسقۇچنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال ئۆزگەرتىش، بالدۇر ئۆزگەرتىش، ھەقىقىي ئۆزگەرتىش كېرەك. ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈش، ئۆزگەرتىش، سەپەرۋەر قىلغاچ تۈزىتىش، ئۆگەنگەچ تۈزىتىش، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويغاچ تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئەمەلىي ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى دەسسىتىش، ئىستىل مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا سەل قاراشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش بىلەن بىللە، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىشتا قاتتىق ھەم ئەمەلىي بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبەرلىك قىلىش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدا قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان 2 – تۈركۈمدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىسى ۋە روشەن ئالاھىدىلىكى ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتى. ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› پائالىيىتىنى ھەقىقىي قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش داۋامىدا تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ ئۆز جايىدا ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئۇنىڭدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئەھمىيەت بېرىشنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىرادە ۋە بېسىمنى يەتكۈزۈش كېرەك. 200 مىڭ كادىرنىڭ ئۈچ يىلغا بۆلۈنۈپ، كەنتلەردە تۇرۇشى، ھەر مىللەت ئامما بىلەن دوستلۇق ئورنىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشىنىڭ رولى ناھايىتى زور بولۇپ، ماھىيەتتىن تۈزەش ئەھمىيىتىگە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار بۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھېس قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە قەتئىي ئىرادىسىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پائالىيەتنى ياخشى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى تەلىپى ۋە بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، تەرەپلەر ئىدىيەنى بىرلىكتە ئازاد قىلىپ، كاللىسىنى ئىشلىتىپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، پائالىيەتنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن بەي جىجيې تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى 3 – تەكشۈرۈش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ھۆرگۈل جاپپار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر