باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئاۋستىرالىيە: قارا قۇتىنىڭ چاستوتىسى ئۆزگىرىشى مۇمكىن، ۋاقتىنچە سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى ئەۋەتمەيمىز

2014.04.09 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  7-چېسلا ھىندى ئوكياننىڭ جەنۇبىدا، ئاۋستىرالىيەنىڭ «دېڭىز قالقىنى» ناملىق پاراخوتىنىڭ غەۋۋاسلىرى سۇ ئاستىدا قارا قۇتىنى ئىزدىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-چېسلا بەرگەن خەۋىرى: ئاۋستىرالىيەنىڭ MH370 ناملىق پاراخوتنى ئىزدەش بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش ماسلاشتۇرغۇچىسى ھىيۇستون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاۋستىرالىيە تېخىمۇ كۆپ سىگنالغا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ سىگنال قوبۇل قىلالىسا، سۇ ئاستى ماشىنا ئادىمى ئەۋەتىپ دېڭىز قىنىدىن ئىزدەيدۇ.قارا قۇتىنىڭ سىگنال چاستوتىسى ئۆزگىرىشى مۇمكىن

  ھىيۇستون ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «دېڭىز قالقىنى» قوبۇل قىلغان سىگنالنىڭ چاستوتىسى 33.3 كىلوگېرتىس، بۇ MH370 قارا قۇتىسىنىڭ 37.5 كىلوگېرتىسلىق چاستوتىسىدىن پەرقلىنىدۇ. لېكىن ياسىغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 33.3 كىلوگېرتىسلىق چاستوتىمۇ بىرقەدەر ئىشەنچلىك. باتارىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن قارا قۇتا قويۇپ بەرگەن سىگنالنىڭ چاستوتىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.ھىيۇستون مونۇلارنى بىلدۈردى: «دېڭىز قالقىنى» ئىككى قېتىم گۇمانىي سىگنال قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، يەنىمۇ كۆپ سىگنال قوبۇل قىلىشقا موھتاج. ئەگەر ئورۇننى ئېنىق بېكىتكىلى بولمىسا، تۆت ئىزدەش رايونىدىكى دېڭىز قىنىنىڭ كۆلىمى بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ. (فەن چۈنشۈ، سۈي مۇياڭ خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر