باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدىكى نامرات رايونلارغا بېرىلىدىغان قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى يۇقىرى قىلىش كېرەك

2014.04.11 08:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق 7 تارماق تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئېلىمىزدىكى نامرات رايونلارنىڭ ھەر يىلى بېرىلىدىغان تۈرلۈك قەرزنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى شۇ يىلىدىكى نامرات رايونلار تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تۈرلۈك قەرز بېرىش ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى قىلىش كېرەك. 7 تارماق مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: تەرەققىي قىلدۇرۇش تىپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش فاڭجېنىغا ئاساسەن نامرات رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەپ، نامرات رايونلارنىڭ ھەر يىلى بېرىلىدىغان قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى شۇ يىلىدىكى نامرات رايونلار تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تۈرلۈك قەرزىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى قىلىش كېرەك، يېڭىدىن كۆپەيگەن قەرز تۇرۇشلۇق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ تۈرلۈك قەرزىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن يۇقىرى قىلىش، 2020-يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلارنىڭ پۇل مۇئامىلە سەۋىيەسىنى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈپ، نامرات رايونلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنى ۋە ئاجىز ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلار، دېھقانلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش بىلەن رايون تەرەققىياتىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، تەڭكەش ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر