5-ئاپرېل، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى كارزايى پايتەخت كابۇلدىكى بىر بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا بۇ قېتىملىق سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا. ئافغانىستان چوڭ سايلىمى شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاپرېل ئەتىگەن سائەت 7 دە (بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە) رەسمىي باشلاندى، ئافغانىستان مۇستەقىل سايلام كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامغا بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى تەخمىنەن 12 مىليون بولۇپ، ئۇلار مەملىكەتنىڭ 6300 دىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش نۇقتىسىدا ئۆزىنىڭ بېلىتىنى تاشلايدۇ. بۇ قېتىمقى بېلەت تاشلاش شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 16دە ئاياغلىشىدۇ.