- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تەشكىلات سىستېمىلىرى «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش»تەلىپىنى ئۆگىنىشكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى
2014.04.10 09:34 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەشكىلات سىستېمىسىدىن باش سېكرىتار شى جىنپىڭنىڭ « تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتە، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، پىلان تۈزۈشتە، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادەم بولۇشتا پۇختا بولۇش»تىن ئىبارەت «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش»تەلىپىنى ئۆگىنىش ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «« تەربىيەلىنىشتە، ھوقۇقىنى ئىشلىتىشتە، ئىنتىزامدا قاتتىق بولۇش، پىلان تۈزۈشتە، ئىگىلىك تىكلەشتە، ئادەم بولۇشتا پۇختا بولۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى- پارتىيەلىك كادىرلار بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، ئادەم بولۇش پىرىنسىپى شۇنداقلا يېڭى ۋەزىيەتتىكى تەشكىلات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم قوللانمىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم تەشكىلات تارماقلىرى «ئۈچتە قاتتىق بولۇش، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇش» تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تەشكىلات خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر