دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8- ئاپرېل خەلق سارىيىدا ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى پىرىز بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك دوستانە ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىردەك قارار قىلدى. شى جىنپىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىق سۆھبىتىدە بالدۇرراق ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرى بىلەن يەھۇدىي مىللىتى ئۇزاق مۇددەت دوست ئۆتكەن، بولۇپمۇ 2- دۇنيا ئۇرۇش مەزگىلىدە، بىز فاشىزمغا ۋە مىلىتارىستلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، ئۆز ئارا قوللىشىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، سىياسىي مۇناسىۋەت جەھەتتە دوستانە ئۆتۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق. جۇڭگو ئىسرائىلىيە بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرسىدىكى ئىقتىساد تېخنىكا ھەمكارلىق مېخانىزمىنى بالدۇرراق ئورنىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئېنېرگىيە ، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، داۋالاش، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. بىزنىڭ جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىشەنچىمىز كامىل.
پىرىز مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە جۇڭگونىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغانلىقىغا ، جۇڭگو خەلقنىڭ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى بويلاپ، بىر قاتار نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىدۇ. مەن، جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ئىسرائىلىيە جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا كىردى، شۇنداقلا كۆپلىگەن پۇرسەت ۋە نۇرغۇن قىيىنچىلىققا يولۇقماقتا. مەن ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىق ئومۇمىيلىققا نەزەر سېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل پاراسىتىنى كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن قارار چىقىرىپ، پەلەستىن تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ بالدۇرراق ئەمەلىي خاراكتېرلىك ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.
پىرىز مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە پەلەستىن تەرەپ ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىنچلىق سۆھبىتىگە تۇرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مەن جۇڭگو تەرەپنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە نەسىھەت قىلىشدا داۋاملىق مۇھىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا پىرىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن قارشى ئىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.