8-ئاپرېل، ئۇكرائىنا خاركىف ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر يەرلىك ساقچىلار بىلەن تىركەشتى.
8-ئاپرېل زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن ئۆتەۋاتقان ئۇكرائىنا پارلامېنتىنىڭ باشلىقى تۇرچىنوف تېلېۋېزىيە نۇتقى سۆزلەپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىم ۋەزىيىتىنىڭ ناھايىتى تېزلا مۇقىملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بۇ رايوندىكى 6-ئاپرېلدىن بۇيانقى قالايمىقانچىلىقنىڭ رۇسىيەنىڭ «ئۇزۇن مەزگىل پىلانلىغان ئىغۋاگەرچىلىكى» ئىكەنلىكىنى ئەيىبلىدى. رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروۋ 8-ئاپرېل موسكۋادا مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىللەنگەن كۆپ تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىپ، ئۇكرائىنا مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدۇ، بىراق سۆھبەت ۋاقتى، شەكلى، كۈن تەرتىپى تېخى بېكىتىلمىدى. نۆۋەتتە، شەرقىي قىسىمدا بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان پائالىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەر رۇسىيەگە قوشۇلۇش ھەققىدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى. تەھلىلگە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋەقە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسىمى بىلەن غەرب قىسىمنىڭ تىركىشىشى ۋە قىسمەن ئاممىنىڭ كېيف يېڭى ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى