باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە كونا بىنالارنىڭ بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈلىدۇ

2014.04.14 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ پىڭخۇا شەھىرىدىكى بىر كورپۇس ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ بىر قىسمى يېقىندا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، خەلقنىڭ ھاياتى مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى زىيانغا ئۇچرىدى ھەمدە جەمئىيەتتە يامان تەسىر پەيدا قىلدى. شۇڭلاشقا تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇش مىنستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەملىكەت بويىچە كونا بىنالار بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھەر دەرىجىلىك شەھەرلەر ۋە ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدىكى سېلىنغىنىغا بىر قەدەر ئۇزۇن بولغان، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن، رېمونت قىلىنمىغان ئولتۇراق جايلار شۇنداقلا كاپالەتلىك تۇرالغۇ ۋە كەپىلىك رايونلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن تۇرالغۇلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ قېتىمقى مەملىكەت بويىچە كونا خەتەرلىك بىنالارنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش»تا يەنە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈنلەي خەتەرلىك ئۆيلەرنىڭ چېقىلغان-چېقىلمىغانلىقى، خەتىرى بار ياكى قىسمەن خەتىرى بار ئۆيلەرنىڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، ئۆينى بېزەش جەريانىدا ئاساسى قۇرۇلمىسى چىقىپ ئۆزگەرتىلگەن ئۆيلەرنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ بار-يوقلىقى نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپالەتلىك تۇرالغۇ، كەپىلىك رايونلاردىكى ئۆزگەرتىلگەن ئۆيلەرمۇ نۇقتىلىق تەكشۈرۈلىدۇ ھەمدە قانۇن بەلگىلىمە بويىچە كونا خەتەرلىك ئۆيلەر رېمونت قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر