باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىباھا گۆھەر» ناملىق پاراۋانلىق فىلىمىنىڭ مەملىكەت تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2014.04.15 08:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى كىنو ئىدارىسى، جۇڭگو رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە نەشرىيات مەركىزى ۋە جۇڭگو رادىيو كىنو سەنئەت تورى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو كومپارتىيەسى چاڭچۈن شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، جۇڭگو كومپارتىيەسى چاڭچۈن شەھىرى لۈيۈەن رايونلۇق كومىتېتى پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئىشلەشنى ئۈستىگە ئالغان «بىباھا گۆھەر» ناملىق پاراۋانلىق فىلىمىنى پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە تۇنجى قېتىم قويۇش ۋە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 13-ئاپرېل بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ كىنو مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جىلىننى تەسىرلەندۈرگەن شەخس، چاڭچۈننىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى گې چاڭجياڭ بوۋاينىڭ ھەقىقىي ئىش ئىزلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى تېجەشلىك، ئىقتىسادچان بولۇشنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تۇنجى پاراۋانلىقى فىلىمى. گې چاڭجياڭ ھايات ۋاقتىدا قانلىق ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈرگەن پېشقەدەم ئەسكەر، شۇنداقلا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ مۇنەۋۋەر پېنسىيەگە چىققان كادىرى ئىدى. ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولسىمۇ، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى 20 يىلدا ئەسكى تۈسكى نەرسىلەرنى يىغىپ ئوقۇشقا ياردەم قىلىپ، نامرات بالىلار ئۈچۈن ئۆگىنىش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بېرىپ، بىر ئاددىي پارتىيە ئەزاسىنىڭ مېھرىنى يەتكۈزگەن. ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرى جىلىننى تەسىرلەندۈرگەن، پۈتۈن جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر