باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر بازارلاشتۇرۇش باشلاندى

2014.04.15 08:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى بىر نۆۋەتلىك شەھەر بازارلاشتۇرۇش باشلاندى، جايلار بۇنىڭغا تولۇق تاشقان ئۈمىد باغلىدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردوس شەھىرى يېڭى شەھەر رايونى كاڭباشتا قۇرۇلۇش ئورنى ئېنىق بەلگىلەنمىگەنلىكتىن، كەسىپ شەكىللەنمەي شۇجاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالمىغان ھەمدە ئۇل ئەسلىھەسى تېخى يۈرۈشلەشمىگەن ئەھۋالدا ئۆي مۈلۈك بازىرىنى قارغۇلارچە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، داڭلىق «شەيتان شەھىرى» ئالامىتى شەكىللىنىپ قالغان ئىدى.

  يېقىندا ئېچىلغان يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات مۇنبىرىدە خەلقئارا ئۆي مۈلۈك مەسلىھەتچىلىكىنىڭ بىرى بولغان دەيدېلياڭخاڭ گۇرۇھىنىڭ ئالىي مۇدىرى، شىمالىي ئاسىيا رايونى ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات مەسلىھەتچىلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى تاۋ رۇخۇڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كەسىپنىڭ ئورنىنى توغرا بېكىتىش ھەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش-باغچە رايونى تەرەققىياتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش قازانماسلىقنىڭ ئاچقۇچى؛ كەسىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى قارار قىلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاھالىلەرنى بەلگىلەيدۇ؛ سۇ ئېلېكتىر، تور، قاتناش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھە ئاھالىلەرنىڭ مۇقىم ئولتۇراقلىشىشىدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل؛ ھاۋا، سۇ مەنبىيى قاتارلىق تۇرالغۇ مۇھىتىمۇ ئوخشاشلا جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  تاۋ رۇخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا دۇچ كېلىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە-يەرنى شەھەر بازارلاشتۇرۇش نوپۇسنى شەھەر بازارلاشتۇرۇشتىن تېز بولۇش، ئۆي مۈلۈك كەسپىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىپ، شەھەرلەرنىڭ يۈرۈشلەشكەن ۋە قاتناش قۇرۇلۇشىغا سەل قاراش. يۇقىرىقى مەسىلىلەرگە قارىتا ئۇ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: شەھەر بازارلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولمىغانلىقىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە-مۇكەممەل كەسىپ قۇرۇلمىسى، مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە، خاتىرجەم تۇرالغۇ مۇھىتى ۋە قولايلىق قاتناش.

  كەسىپ بىلەن شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش سانائەت ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ كەلگۈسى يېڭى يۆنىلىشى، يەرلىك ھۆكۈمەت كەلگۈسىدە كەسىپ باغچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان چاغدا، پەقەت كەسىپنىلا ئويلاشمايدۇ، ئۇنىۋېرسال سودا ۋە تۇرالغۇ ئىقتىدارى بىلەن كەسىپ ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىدۇ. كەسىپ تەرەققىياتى پىشىشىپ يېتىلگەن ئاساستا، مۇلازىمەتچىلىك ۋە تۇرالغۇ، سودا ئۆي مۈلۈك كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتى شەھەر بازارلاشتۇرۇشتا رول ئوينايدۇ.

  دەيدېلياڭخاڭ گۇرۇھى داليەن ۋە شېنياڭ شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاۋ شىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كەلگۈسىدىكى شەھەر بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىدا، ھۆكۈمەتنىڭ ئالدىن كۆرەرلىك پىلانى ۋە ئۇل ئەسلىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرغۇچى كارخانىنىڭ شەھەر تىجارىتى ۋە پەرقلىق مەھسۇلات تەرەققىياتىغا قاتنىشىشى ئۆز ئار تۈرتكە بولۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە رايون تەرەققىياتىغا تۈۋرۈك بولىدىغان ئاچقۇچلۇق ئامىلغا ئايلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر