باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-پەسىلدىكى ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلاردىن ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يېڭى يۈزلىنىش ئەكس ئەتتى

2014.04.14 08:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 1-پەسىلدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدۇ، 1-پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ يۈزلىنىشى زادى قانداق بولدى؟ تۆۋەندىكى بىر قانچە گۇرۇپپا ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقىلى بولىدۇ.

  توك ئىشلىتىش مىقدارى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك، مەملىكەت بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، بېيجىڭدىن باشقا، قالغان ئۆلكە، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە ئاپتونوم رايونلاردا، 1- پەسىلدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن مۇسبەت ئاشقان. دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، 1- پەسىلدە مەملىكەت بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشقان، ئېشىش دەرىجىسى ئۆرلىگەن، گەرچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەڭشەش ۋە ئاتموسفېرانى تىزگىنلەشنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي جۇڭگو رايونىدا ئېشىش ئاستىلىغان بولسىمۇ، ئەمما غەربىي قىسىم رايونىدا توك مىقدارى بىر قەدەر تېز ئاشقان.

  توك ئىشلىتىش مىقدارىدىن ئىقتىسادتىكى يېڭى ئۆزگىرىش ئەكس ئەتتى، چوڭ تاۋارلار باھاسىنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىش ئىستاتىستىكىسىدىن ئايان بولۇشىچە، بوخەي دېڭىزى، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىن ئىبارەت ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي چەمبىرەكتە 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 18 خىل چوڭ تاۋارنىڭ باھاسى ئۇدا نەچچە ئاي تۆۋەنلىگەندىن كېيىن قايتىدىن ئۆرلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلياۋنىڭ باھاسى ئالدى بىلەن تۆۋەنلىگەن.

  ئەشيا ئوبوروتى ئىقتىسادنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چۈەنخۇا تاشيول پورتى چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسىدىكى ئەڭ چوڭ تاشيول ئەشيا ئوبوروتى ئۇچۇر ئالاقە سۇپىسى بولۇپ، ھەر كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 50 مىڭ بوش ئاپتوموبىلنى بېرىپ كېلىدىغان مال مەنبىيى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ يىل 1- پەسىلدە، تاشيول پورتىدىكى يۈك تىرانسپورت ئۇچۇرى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %35 ئاشقان. ئەشيا ئوبوروتىنىڭ ئېشىشى بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىدىن بولدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىقتىساد ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش مەركىزىدىن ئايان بولۇشىچە، ئىستىمالچىلارنىڭ ئىشەنچ سانلىق مەلۇماتى بۇ يىلدىن بۇيان داۋاملىق ئۆرلىگەن، ئىستىمالچىلارنىڭ سېتىۋېلىش ئارزۇسىمۇ ئىزچىل ئاشقان. ئۇچۇر ئىستىمالىنى مىسال قىلساق، ئالدىنقى ئىككى ئايدا شەرق، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايوندا G3 كۆچمە تېلېفون ئابونتى ئايرىم ئايرىم 11 مىليون 327 مىڭ، 8 مىليون 247 مىڭ، 8 مىليون 606 مىڭ كۆپەيگەن، ئېلىمىزنىڭ يانفوندا تورغا كىرىپ ئىشلەتكەن ئېقىم مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %98.2 ئاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر