11-ئاپرېل، لەنجۇ شەھىرىدىكى تۇربا سۈيى ئەۋرىشكىسىدىن بېنزول مىقدارىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۆلچەپ چىقىلدى. شۇ يەرلىك ھۆكۈمەت 24 سائەت ئىچىدە تۇربا سۈيى ئىچمەسلىكنى تەۋسىيە قىلدى. بۇنىڭ تەسىرىدە، لەنجۇ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ سۇ تالىشىش دولقۇنى ئەۋج ئالدى، بىر يېشىك مېنىرال سۇنىڭ باھاسى يۈز يۈەنگە ئۆستى ۋە تېز سېتىلىپ مال ئۈزۈلۈپ قالدى، نۇرغۇن ئاھالىلەر ھەتتا ئاپتوموبىل ھەيدەپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ سۇ ئېلىپ كەلدى، ساقچىلار ماگىزىنلارنىڭ ئالدىدا مەخسۇس تەرتىپنى باشقۇرۇپ، بۇلاش-تالاشنىڭ ئالدىنى ئالدى.