باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر مېتاللارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغۇشىنى ئۇنۋېرىسال تۈزەش خىزمىتىنى باشلاندى

2014.04.14 08:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقى،يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېغىر مېتاللارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى بۇلغۇشىنى ئۇنۋېرىسال تۈزەش خىزمىتىنى باشلىدى. دەسلەپكى مەزگىلدە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا جۇجو شياڭتەن رايونى سىناق قىلىنىدۇ. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۇپراقنى ياخشىلاش قاتارلىق ئۇنۋېرىسال تۈزەش ئارقىلىق، شالنىڭ ئېغىر مېتال تەركىبى نورمىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى خۇنەن ئۆلكىسى شالدىكى كادمىينىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش ۋەقەسىدە تېرىلغۇ يەرنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. 2- قېتىملىق مەملىكەتلىك دۆلەت زېمىنىنى تەكشۈرۈش مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئېغىر بۇلغانغان تېرىلغۇ يەر 50 مىليون موغا يەتكەن.

  مۇئاۋىن زېمىن بايلىقى مىنىستىرى ۋاڭ شىيۈەن مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: بۇلغىنىشنىڭ تەسىرىگە ئېغىر ئۇچرىغان نۇقتىلىق رايونلار چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، جۇجياڭ دەرياسى دېلتىسى، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسى ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ قىسمەن جايلىرى . يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى تېرىقچىلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې سەيۋېن مۇنداق دېدى: بۇلغىنىش ئېغىر بولغان قىسمەن تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ زىرائەت تېرىقچىلىقى تەڭشىلىدۇ. شال تېرىلمايدۇ. كېۋەز تېرىش، پىلە بېقىش، كەندىر، گۈل قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىلىدۇ.ھەمدە قالدۇق ماددىلار نازارەت قىلىنىدۇ؛ تېرىلغۇ يەرلەرگە قايتۇرۇپ كېلىنمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر