- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
باج تاپشۇرغۇچىلار باج مەلۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان 15 جەدۋەل ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
2014.04.14 08:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بۇ ئىدارە باج تاپشۇرغۇچىلار باج مەلۇم قىلىشتا ئىشلىتىدىغان 15 جەدۋەلنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.
بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرغان 15 جەدۋەل تۆۋەندىكىچە: باج تىزىملاش ئىسپات ئىلتىماسى جەدۋىلى، باج تىزىملاش گۇۋاھنامىسىنى ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى جەدۋىلى، ئاز سوممىلىق باج پۇلىدا باجنى قايتۇرۇش ئىلتىماسى جەدۋىلى، مۇكاپاتلىق تالوندا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش ئىلتىماسى جەدۋىلى ۋەھاكازالار. 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەر دەرىجىلىك باج ئىشلىرى ئورگانلىرى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن بۇ 15 جەدۋەلنى تولدۇرۇشنى تەلەپ قىلمايدۇ. 2013-يىلىدىن بۇيان باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان باجغا چېتىشلىق جەدۋەللەرنى ئومۇميۈزلۈك رەتكە سېلىپ، سەرخىللاشتۇرۇش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قوشۇۋېتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق،باجغا مۇناسىۋەتلىك جەدۋەللەرنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر