باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى شىنجاڭدا غەربتىن شەرققە قاراپ يامغۇر، قار ياغىدۇ

2014.04.14 08:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  غەربى سىبىرىيەدىن جەنۇبقا سۈرۈلگەن بىر قەدەر كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە 13-ئاپرېلدىن 16-ئاپرېلغىچە شىنجاڭدا غەربتىن شەرققە قاراپ يامغۇر، قار ياغىدۇ، ئۈششۈك چۈشىدۇ ۋە بوران چىقىدۇ، تېمپىراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ. ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلى ھاۋارايى تارماقلىرى جايلارنى كېۋەز قاتارلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ ۋاقتىنى تەڭشەپ، يامغۇر ۋە قارنىڭ يېزا ئىگىلىكى، چارۋىچىلىق، قاتناشقا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسىز تەسىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشكا ئەسكەرتتى. بۇ قېتىمقى سوغاق ھاۋا ئېقىمى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھاۋارايى تارماقلىرى مۇنداق تەكلىپ بەردى: تۈرلۈك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى تېرىلغۇ ۋاقىتنى مۇۋاپىق تەڭشەش بىلەن بىرگە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بىخەتەرلىك ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش كېرەك، تېرىلىپ بولغان ئېتىزلارغا قارىتا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۈششۈكنىڭ ۋە بوراننىڭ ئالدىنى ئېلىش يېپىش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۇندىن باشقا، تۆۋەن تېمپىراتۇرىلىق ھاۋارايى چارۋىچىلىقنىڭ مەيدان يۆتكەش ۋە چارۋىلارنىڭ ئەي بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا چارۋىلارنىڭ سوغاقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر