باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پاسكىنا نەرسىلەرنى تازىلاپ تورغا پاكىز بوشلۇق يارىتايلى

2014.04.15 08:52         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتىدە 14-ئاپرېل پاسكىنا نەرسىلەرنى تازىلاپ تورغا پاكىز بوشلۇق يارىتايلى ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلىندى. ئوبزوردا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:توردىكى شەھۋانىي ئۇچۇرلار جەمئىيەت ۋە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي روھى ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزمەكتە. خەلق ئاممىسىنىڭ پىكرى ئىنتايىن كۆپ، ئىنكاسى كۈچلۈك. تور قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس، ئىنتېرنېت تورى كارخانىلىرى توغرا تىجارەت ئىدىيىسى تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن قائىدە نىزاملىرىغا رىئايە قىلىپ، تورنى ساغلاملاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھالدا پۇل تېپىشى كېرەك. پايدىنى شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى كۆپەيتىش، باشقىلارنىڭ كۆزىنى قىزارتىش ئارقىلىق تورغا كىرىش نىسبىتىنى كۆپەيتىشكە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ. ئۆز مەنپەئەتىنى دەپ جەمئىيەتتىكى ئاممىنىڭ بەخت سائادىتىنى قۇربان قىلىش، كۆز ئالدىدىكى كىچىككىنە پايدىنى دەپ دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى لازىم. بۇ خىل كارخانىلار جەزمەن جامائەتچىلىكنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ ھەمدە قانۇنمۇ بوش قويمايدۇ.

  توردا شەھۋانىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ زەربە بېرىش ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىسمانىي روھىي ساغلاملىقى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە نۇرلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان خەلق رايىغا باقىدىغان،خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان ياخشى ئىش. ئىشىنىمىزكى بارلىق خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، 2014-يىللىق شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا زەربە بېرىش، تورنى ساپلاشتۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىدە بەلگىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تور مۇھىتى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر