باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار بىرىكمە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈردى

2014.04.15 08:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا تاراتقۇ بايلىقىنى تەرتىپكە سېلىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار كۈچلۈك خېيىم خەتەر تۇيغۇسى، جىددىيلىك ۋە بۇرۇچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتېرنېت تورى تېخنىكا ئېقىمىغا ماسلىشىپ،ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تىزلىتىپ، ئەنئەنىۋى تاراتقۇ بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىيات يولى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

  2012-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، خەلق گېزىتى ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، خەلق تورى، سىنا،تېڭشۈن قاتارلىق ئۈچ تور سەھنىسىدە قانۇنى ئىگىلىك مىكروبىلوگ ھېساب نومۇرىنى ئاچتى، بۇنىڭغا كىرگەن تورداشلار 30 مىليوندىن ھالقىپ، چوڭقۇر تەسىر كۈچ ئىگە تاراتقۇ مىكرو بىلوگىغا ئايلاندى.

  2013-يىلدىن بۇيان شىنخۇا ئاگېنتلىقى كۆپلىگەن مۇھىم تېمىلىق خەۋەرلەردە كۆپلىگەن تاراتقۇلارغا توپلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلدى. خەۋەرلەرنى تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا گېزىت- ژۇرنال، تور، تېلېۋىزىيە، يانفون گېزىتى، ئابونت تېرمىنالى، مىكرو بىلوگ، ئۇندىدار قاتارلىقلارغا ئىگە بولدى.

  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرنى ماركا قىلىپ، مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار، ئابونت تېرمىنالنى ئارقا ئارقىدىن ئىشقا كىرىشتۈردى. جۇڭگو تور تېلېۋىزىيىسى يەر شارىغا تارقىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرىنى تېلېۋىزىيە ، كومپيۇتېر، يانفون قاتارلىقلاردا ئومۇمىيلاشتۇردى.

  جۇڭگو گېزىتى 2008-يىلى گېزىت بىلەن تورنى بىرىكتۈرۈش خىزمىتى ئىشلەپ، مەزمۇنىنى تەرتىپكە سېلىش،تەھرىرلەش پىلانلاش، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ تەرەپلىك ئىزدەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر