خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىگىلىنىشىچە، دىئامېتىرى 4 مېتىر، ئېگىزلىكى 2.2 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ بۇ چوڭ قازانلىق پولونىڭ كەشپىياتچىسى ئابلىمىت خالىس ھاجى بولۇپ، ، 2010-يىلى شاڭخەي دۇنيا جېنىس رېكورتىغا ئېرىشكەن. شۇ كۈنى بەش ئۇستا بەش كۈندە گۆش توغراش، كۆكتات يۇيۇش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قىلىپ، 6-چېسلا بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00دا ئوت يېقىپ، سائەت 13:00تە پولو پىشقان.
يەرلىكتىكى تەشۋىقات ئىدارىلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنكى پولونى ئىككى قەلبداش كارخانا ھېسابات قىلىپ، تەخمىنەن ئون مىڭدەك ئادەم پولوغا ئېغىز تەگكەن.