- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى تۆت دۆلەت قىلغان زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى
2014.04.02 16:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئاپرىل بىريۇسسېلدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-چېسلا بېلگىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتتى.
بېلگىيە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق ياۋروپا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.
3-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گوللاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە بېلگىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى باش ئىشتابىنى زىيارەت قىلدى.
بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ياۋروپاغا زىيارەتكە چىقىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ مەزكۇر تۆت دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو-ياۋروپانىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىگە يېڭى ئىستېراتېگىيەلىك مەزمۇن قوشتى. (شۈ جيەنمېي، ليۇ خۇا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر