باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 205 پارچە تەكلىپنى بېجىرىدۇ

2014.04.04 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ 205 پارچە تەكلىپى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ 84 پارچە تەكلىپىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ تەكلىپ لايىھەلەرگە قايتۇرۇلغان جاۋاب ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى تورى، جۇڭگو سوت مەھكىمىسى تورى قاتارلىق ئالاقىدار تور بېكەتلىرىدە ئاشكارا ئېلان قىلىنىپ، ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى قاندۇرىلىدىكەن.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر بىر تەكلىپ چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىپ، قانۇن بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىپ، بېجىرىش تەرتىپى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ باھالاش قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پىكىرگە جاۋاب بېرىشنىڭ توغرىلىقى، قايىل قىلارلىقى ۋە قاراتمىلىقى تىرىشىپ ئاشۇرۇلۇشى بولۇپمۇ ۋەدە قىلىنغان ئىشلارنى ئىز قوغلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلۇشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر