باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى»غا تەكلىپ بەردى

2014.04.04 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 3-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا قوش ھەپتىلىك كېڭەش سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە پىكىر-تەكلىپ بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئەزالىرى ئۇزۇندىن بۇيان مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش، تەكلىپ بېرىش، يىغىندا سۆز قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۈرتكە بولدى. ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى» 2009-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن تارتىپ يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پائال ئۈنۈمگە ئېرىشتى، لېكىن يەنە تەنتەربىيە بايلىقى نىسبىي يېتىشمەسلىك قاتارلىق بىر قىسىم ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرمۇ ساقلاندى، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى»نىڭ يۈرۈشلۈك سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيى ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنى تەڭ قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇپ، تەنتەربىيە چوڭ دۆلىتىدىن تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى بولۇشقا قاراپ قەدەم تاشلاش كېرەك.

  ئەزالار مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانىنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانىغا، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش راسخوتىنى ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە خامچوتىغا، ئومۇمىي خەلقنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇش خىزمىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق خىزمەت دوكلاتىغا كىرگۈزۈپ، «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىياسەت بىلەن قوللاشنى كۈچەيتىش؛ يېزىلار، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمىتىگە ياردەم بېرىشنى چىڭىتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە مۇلازىمىتىنى تەكشىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ پېڭ «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش نىزامى»نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ئەزالار بىلەن كېڭەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر