باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن 34 كىشى دۆلەتنىڭ ‹‹1000كىشىلىك پىلان›› ۋە ‹‹10مىڭ كىشىلىك پىلان›› ىغا تاللاندى

2014.04.03 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹1000 كىشىلىك پىلان››ىغا 10 – تۈركۈمدە تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ۋە ‹‹10 مىڭ كىشىلىك پىلان››ىغا 1 – تۈركۈمدە تاللانغانلارنىڭ تىزىملىكى يېقىندا ئېلان قىلىندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 27 كىشى دۆلەتنىڭ ‹‹1000 كىشىلىك پىلان››ىغا تاللىنىش سالاھىيىتىگە، يەتتە كىشى ‹‹10 مىڭ كىشىلىك پىلان››ىغا تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

  دۆلەتنىڭ ‹‹1000 كىشىلىك پىلان››ىغا تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن 27 كىشىنىڭ بىرى ئۇزاق مۇددەت يېڭىلىق يارىتىش تۈرىگە، 26 سى شىنجاڭ تۈرىگە تاللانغان. ‹‹10 مىڭ كىشىلىك پىلان››غا تاللانغان يەتتە كىشىنىڭ ئىككىسى پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باشلامچىسى، بىرسى پەن – تېخنىكىدا ئىگىلىك تىكلەش باشلامچىسى، ئىككىسى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر باشلامچىسى، بىرسى داڭلىق ئوقۇتقۇچى، بىرسى ‹‹يۈز، مىڭ، تۈمەن›› قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچى ئىكەن.

  ‹‹1000 كىشىلىك پىلان›› بىلەن ‹‹10 مىڭ كىشىلىك پىلان›› دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى ئىككى خىل ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى قاتلاملىق يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تىرىكىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىدۇر. ‹‹1000 كىشىلىك پىلان››نىڭ شىنجاڭ تۈرى دۆلەت شىنجاڭغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن چەت ئەللەردىن يۇقىرى قاتلام ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزىدىغان، ‹‹ياشلار 1000 كىشىلىك پىلانى›› ئاساسىدا ئۆلچەمنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىپ، دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئايرىم باھالاش چارىسىنى قوللىنىدىغان، مەخسۇس شىنجاڭ ئۈچۈن تەسىس قىلغان تۈر ھېسابلىنىدۇ. ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ ئىككى پىلانغا 43 كىشى تاللانغان، بۇلارنىڭ ئۈچى ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە، بىرسى ئۇزاق مۇددەت يېڭىلىق يارىتىش تۈرىگە، بىرسى قىسقا مۇددەت يېڭىلىق يارىتىش تۈرىگە، 38ى شىنجاڭ تۈرىگە تاللانغان.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر