- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
جۇڭگو دېڭىز ۋە ھاۋادىن ماسلىشىشنى كۈچەيتتى، ئاۋستىرالىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەشكە ۋەدە قىلدى
2014.04.04 15:27 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو، ئاۋستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پاراخوت ۋە ئايروپىلانلىرى 3-چېسلا جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا مالايسىيانىڭ ئالاقىسىز قالغان ئايروپىلانىنى داۋاملىق ئىزدىگەن بولسىمۇ، مۇھىم بايقاش بولمىدى. ئاۋستىرالىيە زۇڭلىسى ئاببوت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مالايسىيانىڭ ئالاقىسىز قالغان ئايروپىلانىنى ئىزدەش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى «ئەڭ مۈشكۈل» قۇتقۇزۇش پائالىيىتى بولسىمۇ، ئاۋستىرالىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن داۋاملىق ئىزدەيدۇ، ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ھەرگىز ئۈمىدسىزلەندۈرمەيدۇ.ئاۋستىرالىيە بىرلەشمە ماسلاشتۇرۇش مەركىزى 3-چېسلا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۈگۈن ئىزدەشكە چىققان ئون ئايرپىلاننىڭ توققۇزى جەنۇبىي ھىندى ئوكياندا ھاۋا بوشلۇقىدىن ئىزدىدى. ئىزدەش رايونى پېرسنىڭ 1680 كىلومېتىر غەربىدە بولۇپ، كۆلىمى 223 مىڭ كىۋادرات كېلومېتىر كېلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر