- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۆتكەن بىر يىلدا ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى ئازايدى
2014.04.04 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مەركەز ئۇنىۋېرسال تۈزەش كومىتېتى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىسى چىن يىجى 3-ئاپرېل: ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىزدە ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت سادىر قىلىش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: 2014-يىلى مەخسۇس گۇرۇپپا مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىرىنچى، ياش ئۆسمۈرلەر خىزمىتىدە يولۇققان ئاساسىي قىيىنچىلىقلار ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە قارىتا قاراتمىلىق سىياسەت ھۆججەت چىقىرىدۇ، ئىككىنچى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياش ئۆسمۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قانۇن نىزاملارنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ، ئۈچىنچى، ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئازايتىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يۈرۈشلۈك سىياسەت ۋە يولغا قويۇش تۈرى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، مەخسۇس تەربىيەلەشنىڭ تۈرلۈك ئۈنۈملۈك شەكلىنى كېڭەيتىپ ۋە يەكۈنلەپ، جايلاردىكى مەخسۇس تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر