باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇ، توك، گاز، پار باھاسىنى تەڭشەش لايىھەسىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىش كېرەك

2014.04.04 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى ئاھالە سۇ باھاسىنى تەڭشەشكە ئائىت ئىككى پىكىر ئېلىش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، 4-ئاينىڭ 17-كۈنى پەلەمپەيسىمان سۇ باھاسى ھەققىدە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىلىدۇ. بۇ توك ۋە تەبىئىي گازدىن كېيىن، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بايلىق خاراكتېرىدىكى يەنە بىر مەھسۇلات باھاسىنىڭ تەڭشىلىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سۇ، توك، گاز، پار قاتارلىق مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت باھاسى ئۆسەمدۇ-يوق، قاچان ئۆسىدۇ، قانداق ئۆسىدۇ دېگەن مەسىلىلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىگە ئايلاندى.دۆلەت ئۇچۇر مەركىزى ئىقتىسادىي مۆلچەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نيۇ لى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى نىسپىي مۇقىم، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى ئاز، ئاھالە ئومۇمىي ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولۇۋاتقان ھازىرقى ئەھۋالدا، كۆپرەك جايلاردا باھا تەڭشەش بىرقەدەر مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ. (جوۋ سۇيا خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر