باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساختا خەۋەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئاخبارات «چېرىكلىك»نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك

2014.04.11 08:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرغان جۇڭگو ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتخانىسى مۇخبىرلار پونكىتى ۋە مۇخبىرنىڭ ئالدامچىلىق، قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىدا مۇخبىر زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە چوغ تارتىپ، ئاخبارات قوشۇنىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئاخبارات ئالدامچىلىقى جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلاندى، چوقۇم ئاخبارات ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئاخباراتتىكى «چېرىكلىك»نى تۈگىتىش كېرەك. ھازىر دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيوكىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى جۇڭگو ئىقتىساد ۋاقىت گېزىتخانىسىنىڭ خېنەن مۇخبىرلار پونكىتىنى بىكار قىلدى، شى يۇڭفېڭ، چياۋ گۇدۇڭ، لى گوپېڭنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسىنى كۈچتىن قالدۇردى ھەمدە دېلوغا چېتىشلىق مۇخبىر ۋە گىڭ فۇئەن، ليۇ يۈنتاۋ ناچار كەسىپكارلىق خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلدى، شى يۇڭفېڭ قاتارلىق كىشىلەر ئەدىلىيە ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇ دېلودا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ گېزىتخانىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە بىۋاسىتە مەسئۇل كىشىلەر گېزىت باشقۇرغۇچى ئوروندىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرى تەپتىش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلدى. دۆلەتلىك ئاخبارات نەشرىيات رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شۇلىن مۇنداق دېدى: ئاخبارات ئالدامچىلىقى ۋە ساختا خەۋەرلەرگە زەربە بېرىشتە دائىملىق باشقۇرۇش ۋە تۈزۈم ئىجرا كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئاساسلىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە گېزىت- ژۇرناللارنى يىللىق تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇخبىرلار پونكىتىنى تۈزەپ تەرتىپكە سېلىپ، مۇخبىرلار پونكىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى چېڭىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر