باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چۇڭچىڭدا 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېرىمى ئورۇنلاندى

2014.04.14 08:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرغىچە، چۇڭچىڭنىڭ بۇ يىللىق 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ يېرىمى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى، بۇنىڭدىكى ئەمەلىي ئىشلار پۇقرالارنىڭ ئارزۇسىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇ يىل چاغاندىن كېيىنكى چۇڭچىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي كومىتېتى خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ، 22 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى داۋاملىق ياخشى بېجىرىپ، ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. دائىمىي كومىتېت مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىدە، ھەم چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، ھەم ھالىغا بېقىپ ئىش قىلىش، ھەم ھازىرقى مەزگىلدە بەرداشلىق بېرىش، ھەم ئۇزاق مەزگىل سىجىل بولۇش، ھەم خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەم خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم كونكرېت خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، قاراتمىلىق، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىق، سىجىللىقنى ئۆزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. چۇڭچىڭ شەھىرى ديەنجياڭ ناھىيەسى ساۋخۇي بازىرى شۈبەي كەنتىدىكى كۆكتاتچى لى لى مۇخبىرغا، چىغىر يوللار شېغىللىق كەڭ يولغا، ئاندىن كېيىن يەنە سېمونت يولغا ئۆزگەرتىلدى، كىچىك كەنتلەرنى بىرىكتۈرگەندىمۇ چوڭ يولنىڭ تۇتىشىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن دېدى.

  كىچىك كەنتلەرنى بىرىكتۈرۈپ چوڭ كەنتكە ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم كەنتلەرگە يەنىلا تاشيول تۇتاشمىغان ئىدى. بۇلتۇر پۈتۈن شەھەردىكى 2606 بىرىكتۈرۈلگەن كەنتكە تاشيول تۇتاشماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، چۇڭچىڭ شەھىرى بۇنى نۆۋەتتىكى جىددىي خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىش قاتارىغا كىرگۈزدى. شۈبەي كەنتى بۇنىڭدىن نەپ ئالغان كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. كەنتلەرنى بىرىكتۈرۈپ، پۇقرالارغا يول ياساپ بېرىشتە، چۇڭچىڭ كۆپرەك دەردىگە دەرمان بولۇش، گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى ئازراق قىلىشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى قارىشىنى گەۋدىلەندۈردى. خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنىڭ دائىرىسى كەڭ، ئۇنداقتا قايسى تەرەپتىن تۇتۇش قىلىش كېرەك؟ چۇڭچىڭ شەھىرى بۇنىڭدا مەۋقەنى يەنىلا تەرەققىي قىلماسلىقتىن ئىبارەت تۈپ شەھەر ئەھۋالىغا قارىتىپ، نۆۋەتتىكى گەۋدىلىك زىددىيەتلەرنى توغرا تېپىپ، ئەمەلىي سىياسەت قوللىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش ئاساسىدا، خەلق تۇرمۇشىدىكى مۇنداق 22 ئەمەلىي ئىشنى تېرىشىپ ياخشى قىلدى: يېزىلاردىكى 500 مىڭ ئادەمنى ئېگىز تاغدىن نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئېكولوگىيەلىك كۆچۈردى، ئىچىملىك سۈيى ئەڭ قىيىن بولغان جايلاردىكى بەش مىليون ئادەمنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، شەھەردىكى بەش مىليون 670 مىڭ كىۋادرات مېتىر كەپىلىك مەھەللىنى ئۆزگەرتتى، مىڭ مەھەللە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەسىنى قۇرۇدى، بۇلار پۇقرالار ئەڭ ئارزۇ قىلغان ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلەر ئىدى. 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يىللىق نىشان تولۇق ئورۇنلاندى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 13 ى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر