باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ قانداق قىلىپ كەسىپنى تەڭشەش ۋە رايونغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرەلەيدۇ

2014.04.14 08:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي كومىتېت بېيجىڭنى يېڭى مەزگىلدىكى سىياسىي ، مەدەنىيەت، خەلقئارا ئالاقە ۋە پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بولۇشىنى بېكىتتى. بېيجىڭ تيەنجىن شەھەرلىرى خېبېي ئۆلكىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە بېيجىڭ پايتەخت مەركىزى بولمىغان ئىقتىدارىنى تارقاقلاشتۇرۇش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قوش بېسىمىغا يولۇقماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ بېيجىڭ تيەنجىن شەھەرلىرى خېبېي ئۆلكىسى رايونىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەنە ئەتراپىغا تارقىتىش، رايون تەرەققىياتىنى يېتەكلەش مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. بېيجىڭ تيەنجىن شەھەرلىرى خېبېي ئۆلكىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدە بېيجىڭ قانداق قىلىپ كەسىپنى تەڭشەش ۋە رايونغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرەلەيدۇ؟ بېيجىڭ شەھىرى شىجىمېن تاشقى كوچىسىدا شىجى تيەنلې، جىنكەي دېلى قاتارلىق كىيىم كېچەك، ئۇششاق تاۋارلارنى توپ سېتىش بازىرىدىن توققۇزى بار. چۈنكى بۇ يەر بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسىغا يېقىن، كىشىلەر بۇ يەرنى ھايۋاناتلار باغچىسى كىيىم كېچەك توپ سېتىش ئورنى دەپ ئاتايدۇ. بۇ يىل مۇھاكىمە قىلىش ئارقىلىق بۇ توپ سېتىش بازىرىنى كۆچۈرۈش ئىشى باشلاندى. تيەنخاۋ كىيىم كېچەك شەھەرچىسى بازاردىن چىقىش ئۇقتۇرۇشىنى چاپلىدى. خېبېي ئۆلكىسىنى يېڭىدىن كۆچىدىغان جاي قىلىپ دەسلەپكى قەدەمدە بېكىتتى.لېكىن سودىگەرلەر يەنىلا بېيجىڭدا تۇرۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  بېيجىڭ شەھىرى شىچىڭ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن شو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى كىيىم كېچەك توپ سېتىش بازىرىنى كۆچۈرۈش ئۈزۈل كېسىل يۆتكىۋېتىش ئەمەس. بەلكى تەڭشەپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ پارچە سېتىشقا بوشلۇق قالدۇرۇلىدۇ. مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بېيجىڭ سىياسىي ، مەدەنىيەت ، خەلقئارا ئالاقە، پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىي، يادرو بولمىغان ئىقتىدارى تارقاقلاشتۇرۇلىدۇ. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى لى شىشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ خېبېي تيەنجىندىكى پىلانلاش تارماقلىرى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بوشلۇقىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي بىلەن كەسىپنى ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمى ئورناتتى. جۇڭگوەنسۈن پەن تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش باغچىسى بىلەن تيەنجىن كەسىپ باغچىسى قۇردى. بېيجىڭدىكى بېيجىڭ ماشىنىسازلىق گۇرۇھى 3-زاۋۇتى قاتارلىق ئۈچ زاۋۇتمۇ ئورۇن تاللىمقتا. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ساڭجو شەھىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللىدى. بېيجىڭنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ يەنجاۋ بىلەن ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى.

  ئىقتىسادشۇناس ما گۇاڭيۈەن مۇنداق دەپ قارىدى: بېيجىڭ بېيجىڭ تيەنجىن شەھەرلىرى خېبېي ئۆلكىسى رايونىدىكى باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىدىكى رولى ئۆزىدىكى تۆۋەن دەرىجىلىك كەسىپلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش بولماستىن، بەلكى خېبېي تيەنجىن قاتارلىق جايلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقى چوڭقۇر قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك بولۇشى كېرەك؛ رايون تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق كەمكوسلىرىنى تولۇقلاش ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا تەڭ بەھرىلىنىش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر