باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارمىيە، ھەربىيلەر ئائىلىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ

2014.04.14 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي قانۇن كومىتېتى، باش سىياسىي بۆلۈم «دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئەتى ۋە ئارمىيە، ھەربىيلەر ئائىلىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىرنى» بىرلىشىپ تارقاتتى.

  پىكىردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارمىيە، ھەربىيلەر ئائىلىسىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىزچىل سىياسىتى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسى. بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش قىسىمنىڭ يۈكسەك بىرلىكى ۋە بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ساقلاش، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ زۆرۈر تەلىپى؛ دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئارمىيەنى كۈچلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي فاڭجېنى ۋە ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قاتتىق ئىدارە قىلىش فاڭجېنىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر