- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى 22-ئاپرېل ئۇكرائىنادا زىيارەتتە بولماقچى
2014.04.14 08:59 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا ئاق ساراي 12-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى بىدىن 22-ئاپرېل ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋتا زىيارەتتە بولىدۇ. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بىدىن ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى بىلەن «خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچىدىن قانداق قىلىپ پايدىلىنىپ ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىغىلى بولىدۇ» دېگەن مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنانىڭ ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ۋە 5-ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلام قاتارلىق مەسىلىلەردە كېڭىشىدۇ. باياناتدا مۇنداق دېيىلدى: بىدىننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى كۈچلۈك قوللايدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. باياناتدا يەنە مۇنداق دېيىلدى: بىدىن زىيارەت مەزگىلىدە ئۇكرائىنا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ ۋەزىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر