باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئەتىياز ۋە ياز پەسلىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

2014.04.14 08:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىياز، ياز پەسلىنىڭ كېلىشى بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دالا پائالىيەتلىرى كۆپەيدى. تۈرلۈك قاتناش ھادىسىسى، تۇنجۇقۇپ قېلىش، يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆپىيىپ قالدى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىن ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە بالىلار ئۆسمۈرلەرنىڭ بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاپتوموبىلدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى، قاتناش تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، قاراشلىق رايوندىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەت قاتارلىق مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىگىلەپ، ئاپتوموبىل، يول لىنىيەسى ۋە شوپۇرنى تەكشۈرۈپ، قاتتىق تەكشۈرۈپ تەستىق سېلىشى، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تۈزىتىشى كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: تۇنجۇقۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر