باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جايلاردا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ۋەزىيتى ياخشى بولماقتا

2014.04.14 08:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر دەل ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل، يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقى يېقىندا مۇلازىمەتكە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە شەرقى شىمال رايونىنىڭ ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كاپالەتلىك قىلىش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىدى. يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يازلىق ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن يىللىق ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، شەرقى شىمال رايونىنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى پۈتۈن مەملىكەت ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ 4 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ ئىككى 4 تىن 1نى چىڭ تۇتقانلىق- پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ تۇتقانلىق بولىدۇ.

  يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىللىق كۈزلۈك ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر مىليون 90 مىڭ مو كۆپەيگەن، ئۆسۈش ۋەزىيىتى ئومۇمەن مۇقىم بولغان، جايلارنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى، بالدۇر، ھەرىكىتى تېز، ئەتىيازلىق تېرىغۇ تەييارلىق ۋەزىيىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەڭ ياخشى بىر يىل بولغان، ئەمما نۆۋەتتە يازلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە شەرقى شىمالنىڭ ئاتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى بەزى قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن، 1-، كۈزلۈك ئاشلىق تېرىيدىغان قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى داۋاملاشماقتا. 2-، شەرقى شىمالدىكى قىسمەن رايونلاردا قۇرغاقچىلىق، ھۆلچىلىك ئاپىتى تەڭ بولماقتا. 3-، كېسەللىك ھاشارىتى قايتا پەيدا بولماقتا. ھازىر بۇغدايدىن زور كۆلەملىك ھوسۇل ئېلىشقا 50 نەچچە كۈن قالدى، بۇ ھەم مەھسۇلات شەكىللىنىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، شۇنداقلا ھاۋارايى ئاپىتى ۋە بىيولوگىيەلىك ئاپەت زىيىنى كۆپ يۈز بېرىدىغان مەزگىل. نۆۋەتتىكى بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە بىرلىك مەھسۇلاتنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش، يازلىق ئاشلىقتىن قايتا مول ھوسۇل ئېلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىشنى نىشان قىلىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ئۈششۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئوبدان ئاينىغانلىرىنى كونترول قىلىپ، ئاجىزلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كېسەللىك ھاشارىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىمىيىۋى ئوغۇتلارنى ئىلمىي يۆتكەپ، ئوبدان ئاينىغانلىرىنى كونترول قىلىش، ئەتىيازلىق قۇرغاقچىلىق، كېسەللىك ھاشارىتى، ئۈششۈك زىيىنى، قۇرغاقچىلىق سەۋەبلىك يىگىلەپ قىلىشتىن ئىبارەت بىرنى كونترول قىلىپ، تۆتنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئوبدان تۇتۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر