باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنجاڭ خوتەنگە تىراكتور ئىئانە قىلىنىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى

2014.04.14 08:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى دېھقانچىلىق مەيدانى ياشلار روتىسىنىڭ ئەزاسى ئەكرەم خۇشال ھالدا بېيجىڭ، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى يېزا ئىگىلىك 14-دېۋزىيەسى خوتەننىڭ گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىئانە قىلغان 25 ئات كۈچىگە ئىگە شەرق قىزاردى ماركىلىق 20 تىراكتورغا قاراپ تۇرۇپ: «بۇ 20 تىراكتور ئارقىلىق بىر يىلدا ئاز دېگەندە 200 نەچچە ئەمگەك كۈچىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، بۇ بىزنىڭ بوز يەر ئېچىشىمىزغا ئەڭ كېرەكلىك» دېدى.

  بېيجىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش تىرانسپورت سودا جەمئىيىتى بىلەن ئەنباڭ ئەشيا ئوبوروتىنى ياراشتۇرۇش مەركىزى 327 مىڭ يۈەن مەبلەغ جۇغلاپ، خېنەننىڭ لوياڭدىن جۇڭگو بىرىنچى تىراكتور گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 25 ئات كۈچىگە ئىگە شەرق قىزاردى ماركىلىق تىراكتوردىن 20 نى سېتىۋالدى، بۇ 20 تىراكتور شىنجاڭ خوتەننىڭ گۇمىدىكى دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىلغاندىن كېيىن، دېھقانچىلىق مەيدانىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان ياشلار روتىسىغا پۈتۈنلەي تارقىتىپ بېرىلىپ، مۇشۇ روتىنىڭ يەر ئېچىش، چىلان تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشلىتىلدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۇما دېھقانچىلىق مەيدانى ياشلار روتىسى بۇ يىل 3- ئايدا قۇرۇلغان. بۇ قېتىم تىراكتور ئىئانە قىلىشنى ۋاستە قىلىپ، ياشلار روتىسى بىر تۇتاش قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى بويىچە يېقىنقى يىلاردىن بۇيان دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ھەربى سەپتىن چېكىنگەنلەر، ئىش كۈتۈپ تۇرغان مۇنەۋۋەر ياشلار ۋە تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس پۈتتۈرگەنلەرنى قوبۇل قىلدى.

  گۇما دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ باشلىقى ئابدۇدىلبەر ئۆمەر مۇنداق دېدى: دېھقانچىلىق مەيدانىمىز بۇندىن كېيىنكى 3 يىلدىن 5 يىلغىچە 56 مىڭ مو يەرنى ئاچىدۇ، بۇ قېتىمقى بېيجىڭ ئىئانە قىلغان 20 تىراكتور يېڭىدىن قۇرۇلغان ياشلار روتىسىنى ئىلغار يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن، يەنە دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كىچىك رايون زامانىۋىلاشقان يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى ئىشچى خىزمەتچى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر