دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا زىيارەتكە كەلگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خاگىل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆتكەن يىلى پىرىزدېنت ئوباما بىلەن ئاننابىرىگ قورۇقىدا كۆرۈشۈپ، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىشتەك جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلغانىدۇق، ئۇنىڭدىن كېيىن، بىز يەنە سانت پېتىربورگ ۋە گائاگادا ئىككى قېتىم ئۇچراشتۇق، نۆۋەتتىكى مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىق ساھەسى تېخىمۇ كىڭەيمەكتە. جۇڭگو ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى -ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش رامكىسىدا يېڭىچە ھەربىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك، ئىككى تەرەپ توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ غەلبە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىلاپ ۋە نازۇك مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېڭىچە چوڭ دۆلەتلىك مۇناسىۋىتىنى باشتىن ئاخىر توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
خاگىل شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشكەنلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى، زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزدى. خاگىل مۇنداق دېدى: مېنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىشتىكى مەقسىتىم- پىرىزدېنت ئوباما بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭىچە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. بۇ قېتىمقى زىيارىتىمنىڭ كۈن تەرتىپى مول، ئىككى تەرەپ ئىجابىي، سەمىمىي، ئىجادىي سۆزلەشتۇق. دۇنيانىڭ 21-ئەسىرىدىكى تەرەققىياتى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا باغلىق. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىدە پىكىر ئالماشتۇردى.