تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان باشقا خەلق تۈركۈملىرى قاتارىدا روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى ئەنئەنىۋىي ئايەم سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقىلى 1400 يىلدىن ئاشتى. قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى شامان دىنى ۋە بۇددا دىنىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغانلىقى، ئىسلام دىنىنىڭ قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن 600 يىلچە كېيىن قوبۇل قىلىنغانلىقى، باشقا يۇرتلاردىكى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەڭ ئۇزۇن تۇرغانلىقى، مىلادى 1697- يىلدىن 1930- يىلغىچە جەمئىي 233 يىل ھۆكۈم سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىقى دەۋرىدە ئاساسەن بېكىنمە ھالەتتە ياشىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن قۇمۇللۇقلار ياشاش ئۇسۇلى، ئۆرپ- ئادەت، يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، پىسخىك خۇسۇسىيەت ... جەھەتلەردە ئۆزگىچە ئەنئەنىلەرنى ياراتقان ھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. مەيلى باشقا رايونلاردىكى ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى قۇمۇل ئۇيغۇرلىرى بولسۇن، روزى ھېيت بىلەن قۇربان ھېيتنى بىر يىلدىكى ئىككى چوڭ ئايەم دەپ قاراپ، بىر قاتار تەييارلىقلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ ۋە ئىككىلا ئايەمنى ئۆز خاسلىقلىرى ئاساسىدا ئۆتكۈزىدۇ. ئۇنداقتا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىلگىرى بايرام ئۆتكۈزمەيتتىمۇ؟ بۇ ئەستايىدىل ئويلىنىشقا تېگىشلىك ماھىيەتلىك مەسىلە، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن روزا ھېيت، قۇربان ھېيتلارنى ئۆتكۈزۈشكە ئۆتۈشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بۇ ئايەملەردىنمۇ داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان، مەزمۇن- خاسىيەتلىرى تېخىمۇ مول بىر بايرىمى بولغان، ئۇ بولسىمۇ نورۇز بايرىمىدۇر!