- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئۇكرائىنانىڭ چېكىنمەسلىكى ئۈمىد قىلىندى
2014.04.08 08:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى لېبېدېف 4-ئاپرېل موسكۋادا مۇنداق دېدى: مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىن چېكىنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.
ئۇكرائىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ 2014-يىلى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەسلىكىنى قارار قىلغانلىقىنى، ھەمدە ئەزا دۆلەتلىك ئورنىدا داۋاملىق قىلىش قالماسلىق ئۈستىدە ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنانىڭ مۇۋەققەت دىپلوماتىيە مىنىستىرى، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشتا رول ئوينىيالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇكرائىنانىڭ بۇ تەشكىلاتتىن چېكىنمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر