- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پەلەستىن ئىسرائىلىيە سۆھبىتى ۋەكىللىرى 6-ئاپرېل ئۇچرىشىپ تىنچلىق سۆھبىتىنى ئۇزارتىش ئۈستىدە كېڭىشىدۇ
2014.04.08 08:44 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
پەلەستىن ئەمەلدارى 5-ئاپرېل شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا، ئامېرىكا بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ 6-ئاپرېل ئېرۇسالىمدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئېغىر كرىزىس ئىچىگە چۈشۈپ قالغان پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈستىدە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكەن يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قايتىدىن باشلانغان ئىدى، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، پەلەستىن تەرەپتىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى، ئىسرائىلىيە تۈرمىدە قاماپ قويۇلغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنى تۆت تۈركۈمگە بۆلۈپ قويۇپ بېرىشنى بېكىتكەن ئىدى. بىراق، ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ چەكلىمىسىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغانلىقتىن، بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى تۈرمىدە قاماپ قويۇلغان ئاخىرقى تۈركۈمدىكى 26 پەلەستىنلىكنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر