باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي سىياسىي–قانۇن كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش–پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2014.04.09 16:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاپرېل تېلېگراممىسى. مەركىزىي سىياسىي – قانۇن كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي – قانۇن ئورگانلىرى ۋە بارلىق كادىر – ساقچىلاردىن جاڭ بياۋنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە تەشۋىق قىلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچ جۇڭگو، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىغان جۇڭگو، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، زور تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

  جاڭ بياۋ شىخەنزە شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تۈرمە – قاماقخانا تەپتىش بۆلۈمىنىڭ سابىق تەپتىشى بولۇپ، 2011 – يىلى پېنسىيەگە چىققان. ئۇ سىياسىي – قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان 32 يىلدىن بۇيان، ئاساسىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سادىقلىق بىلەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىپ، كەسپىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن مەملىكەت بويىچە ‹‹نەمۇنىچى پىروكۇرور›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن. ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي – قانۇن ساھەسىدىكى بارلىق كادىر – ساقچىلار جاڭ بياۋنىڭ ۋەزىپىنى دادىللىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىش، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىش كەسپىي روھىدىن ئۆگىنىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئادىل يۈرگۈزۈپ، ئەمەلىيەت، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئاممىغا ھەر بىر قانۇن دېلوسىدىن ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇشى؛ جاڭ بياۋنىڭ تەلەپچان بولۇش، پاك – دىيانەتلىك بولۇشتەك ئېسىل ئىستىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ، كەسپىي ئەخلاققا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، سىياسىي – قانۇن ساھەسىدىكى كادىر – ساقچىلارنىڭ پاك – دىيانەتلىك بولۇش كەسپىي خىسلىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر