باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

فۇكۇشىما يادرو ئېلىېكتىر ئىستانسىسى يەنە كۆپ مىقداردىكى رادىيوئاكتىپلىق تاشلاندۇقلىرىنى پەيدا قىلىدۇ

2014.04.08 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل توكيودىن بەرگەن خەۋىرى: توكيو ئېلېكتىر شىركىتى ئېلان قىلىپ، فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى رىئاكسىيە قازىنىنى براكلاش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، 2027-يىلىدىن بۇرۇن يەنە يېڭىدىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى رادىيوئاكتىپلىق كېسەك پارچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 560 مىڭ كۇب مېتىرلىق تاشلاندۇق پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھەمدە ئىچىدىكى 160 مىڭ كۇب مېتىرلىق تاشلاندۇق ئۈچۈن يەنە يېڭىدىن ساقلاش ئەسلىھەسىنى قۇرۇش لازىملىقىنى ئېيتتى.

  ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا فۇكۇشىما 1- يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ قورۇسىدا 300 نەچچە مىڭ كۇب مېتىرلىق كېسەك پارچىلىرى ۋە كېسىلگەن دەل-دەرەخ قاتارلىق تاشلاندۇق ساقلانماقتا. بۇ تاشلاندۇقلارنىڭ ھەممىسى فۇكۇشىما 1-يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ۋەقە يۈز بەرگەندە پەيدا بولغان. توكيو ئېلېكتىر شىركىتى 2020-يىلىدىن باشلاپ رىئاكسىيە قازىنى ئىچىدىكى ئېرىندىنى ئېلىپ چىقىرىشنى پىلانلىغان، بۇنىڭ ئۈچۈن رىئاكسىيە قازىنى قويۇلغان ئىمارەتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدا قېلىپ قالغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى رادىيوئاكتىپلىق كېسەك پارچىلىرىنى تازىلاش لازىم، شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا، بۇ تاشلاندۇقلارنىڭ داۋاملىق كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر